جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ ھەرقانداق بىۋاسىتە ئىغۋاگەرچىلىكىگە «دەرھال ۋە قاتتىق» جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1825459
جەنۇبىي كورېيە شىمالىي كورېيەنىڭ ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقى،جەنۇبىي كورېيەنىڭ يېڭى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لى جوڭسۇپنىڭ تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلار بىلەن سىن يىغىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

مىنىستىر لى يىغىندا  سۆز قىلىپ، شىمالىي كورېيە «بىۋاسىتە» ئىغۋاگەرچىلىك قوزغىغان تەقدىردە، مۇداپىئە تارماقلىرىنى «دەرھال ۋە قاتتىق» جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلدى.

ئۇ، شىمالىي كورېيەنىڭ «تاكتىكىلىق» ئىغۋاگەرچىلىكلىرىگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى ۋە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان ھەربىي ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىشكورر ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

مىنىستىر لى يەنە، دوست دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقلىرىنى قەيت قىلدى.

جەنۇبىي كورېيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدىمۇ: «ھەر قايسى يۆنىلىشلەردىن كېلىش ئېھتىمالى بولغان بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىگە ئاكتىپ تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋا قاتارلىق بارلىق ساھەلەردە كۈچلۈك مۇداپىئە ھالىتىنى ساقلاپ قېلىشىمىز شەرت» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر