شى جىنپىڭ: ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ياۋروپالىقلارنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك

خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ «ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ياۋروپالىقلارنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك» دېدى.

1824417
شى جىنپىڭ: ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ياۋروپالىقلارنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئولاف شولز بىلەن ئۆتكۈزگەن تور سۆھبىتى جەريانىدا، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكىنى يەنە بىر قېتىم ھالقىلىق باسقۇچقا كەلتۈرۈپ قويغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ، توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىپ، قايتقىلى بولمايدىغان نۇقتىغا كېلىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقلارنى كۆرسىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

خىتاينىڭ، ياۋروپانىڭ تىنچلىق سۆھبەتلىرىدە ئاكتىپ رول ئوينىشىنى ھەمدە تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل ياۋروپا بىخەتەرلىكىنى بەرپا قىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان شى جىنپىڭ: «ياۋروپا دۆلەتلىرى، ياۋروپانىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقىنى نەزەردە تۇتۇپ، تارىخىي مەسئۇلىيەت ۋە سىياسىي ئەقىل-پاراسەتنى نامايان قىلىپ، ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ياۋروپانىڭ بىخەتەرلىكى ياۋروپالىقلارنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

دۆلىتى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزئارا پۇرسەت يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن خىتاي دۆلەت رەئىسى شى، ئىككى تەرەپنىڭ ئىختىلاپلارغاا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «خىتاي ياۋروپانىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەركىنلىكىنى قوللايدۇ. خىتاي - ياۋروپا مۇناسىۋىتى ھېچقانداق ئۈچىنچى بىر تەرەپنى نىشانغا ئالمىغىنىدەك، ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ بۇيرۇقى ۋە كونتروللۇقىدا ئاستىدا بولماسلىقى كېرەك» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر