فىنلاندىيە ناتوغا ئەزا بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

فىنلاندىيە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى كەلگۈسىدىكى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چارىنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

1824960
فىنلاندىيە ناتوغا ئەزا بولۇشنىڭ ئەڭ ياخشى چارە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىنلاندىيە دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى ئۇزۇن ۋاقىتتىن بۇيان تەييارلاۋاتقان فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش ئېھتىمالى توغرىسىدىكى تەتقىقات دوكلاتىنى ھۆكۈمەتكە تاپشۇردى.

كومىتېت باشلىقى پېتتېرى ئورپون (Petteri Orpon) بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، دۆلەتنىڭ مۇداپىئە نۇقتىسىدىن ياخشى ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «مۇداپىئەمىز ياخشى، ئەمما رۇسىيەنىڭ تەھدىتىگە قارشى يېتەرلىك ئەمەس. بۇ سەۋەبتىن، كەلگۈسىدە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەت ئاستىغا ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى چارە ناتوغا ئەزا بولۇش» دېدى.

فىنلاندىيە پىرېزىدېنتى سائۇلى نىنستې (Sauli Niinistö) فىنلاندىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولۇش-بولماسلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قارارنى 12-ماي (2022) ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان ئىدى.

شىۋېتسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېتېر ھۇلكۋىست (Peter Hultqvist) شىۋېتسىيە دۆلەت رادىيوسى س ر (SR) دا بايانات ئېلان قىلىپ، شىۋېتسىيە بىلەن فىنلاندىيە ناتوغا ئەزا بولغان ئەھۋالدا ئىسكاندىناۋىيە ئارىلىنىڭ مۇداپىئەسىنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

بىراق ئۇ، 10-مارتتا (2022) ئېلان قىلغان باياناتتا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن مۇددەتتە شىۋېتسىيەنىڭ ناتوغا ئەزا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر