ئازوۋستالدىكى ئۇكرائىنالىق ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى

رۇسىيە تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان ئۇكرائىنانىڭ مارىيپول شەھىرىدىكى ئازوۋستال مۇئەسسىسىسدە تۇرۇشلۇق بارلىق ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1823578
ئازوۋستالدىكى ئۇكرائىنالىق ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىرىنا ۋېرېشچۇك ئازوۋستالدىكى بارلىق ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلارنىڭ مارىيپولدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى دائىرىسىدە قۇتقۇزۇۋېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ئىرىنا ۋېرېشچۇك، «پىرېزىدېنتنىڭ كۆرسەتمىسى ئىجرا قىلىندى، ئازوۋستالدىكى بارلىق ئاياللار، بالىلار ۋە ياشانغانلار تارقاقلاشتۇرۇلدى. مارىپول ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتىنىڭ بۇ قىسمى تاماملاندى» دېدى.

بۇ ئارىلىقتا، ئۇكرائىنا رۇسىيە تەرىپىدىن قورشاۋغا ئېلىنغان مارىپول شەھىرىدىكى ئازوۋستال مۇئەسسىسىسدە تۇرۇشلۇق قوغدىغۇچىلارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر ھەرىكەت كومىتېتى قۇرۇلىشىنى تەلەپ قىلىپ چېگراسىز دوختورلار جەمئىيىتىگە چاقىرىق ئېلان قىلدى.

ئۇكرائىنانىڭ ۋاقىتلىق ئىشغال قىلىنغان رايونلىرىنى قايتا تەشكىللەش مىنىستىرى ئىرىنا ۋېرېشچۇك چېگراسىز دوختۇرلار جەمئىيىتى دىرېكتورى مىشېل-ئولىۋىيېر لاچارىتقا مەكتۇپ يوللىدى.

مەكتۇپتا ئازوۋستالدىكى قورشاۋدا قالغان قوغدىغۇچىلارنىڭ داۋالىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەنلىكى شۇنداقلا جىسمانىي ۋە پىسخىكا شارائىتىنىڭ ناچارلاشقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىگە خىلاپ ئىكەنلىكى تەكىتلەندى.

چېگراسىز دوختۇرلار جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت پرىنسىپى تىلغا ئېلىنغان مەكتۇپتا يەنە، مارىيۇپول ۋە ئازوۋستالدىكى كىشىلەرنى تارقاقلاشتۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنغان يارىدارلارغا داۋالاش ياردىمى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بىر ھەرىكەت كومىتېتى قۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

روسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا ھۇجۇم باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر