جو بايدىن روزا ھېيتنى تەبرىكلىدى
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن ھەم ئامېرىكادا ھەمدە دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا ياشاۋاتقان مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن روزا ھېيتنى تەبرىكلەپ تېلېگرامما ئېلان قىلدى.
ئۇ تەبرىك تېلېگراممىسىدا: «ئايالىم جىل ۋە مەن، ھەم ئامېرىكادىكى ھەمدە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ روزا ھېيتىنى تەبرىكلەيمىز. ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيانىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا يۇرت-ماكانلىرىدىن ئايرىلغان مۇساپىرلار ۋە ئايرىلىپ كەتكەن ئائىلىلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىمىز» دېدى.
ئۇ قۇرئان كەرىمدە «كىشىلەرنىڭ ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرلغانلىقى» نى ۋە «ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇشى ئۈچۈن بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان قىلىپ يارىتىلغانلىقى» نى خاتىرىلىتىپ، ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ پەقەت ئامېرىكا ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن قىممەتلىك ئۇل تاش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
ئۇ دۈشەنبە كۈنى (بۈگۈن، 2-ماي) ئاقسارايدىمۇ ھېيتنى تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پائالىيەتكە ئامېرىكالىق دىنىي ئەربابلارنىڭ قاتنىشىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.