ھىندىستان خىتاينىڭ قانۇنسىز پۇل يۆتكىگەن شىركىتىگە ئېغىر جازا بەردى

ھىندىستان قانۇنسىز پۇل يۆتكەش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ تاشقى پېرېۋوت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاينىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ماگناتى شياۋمىينىڭ 725 مىليون دوللىرىنى مۇسادىرە قىلدى.

1821054
ھىندىستان خىتاينىڭ قانۇنسىز پۇل يۆتكىگەن شىركىتىگە ئېغىر جازا بەردى
çin-hindistan sınır sorunu
xiaomi.JPG

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھىندىستان ئىقتىسادىي جازا باشقارمىسىنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا، تاشقى پېرېۋوت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن شياۋمىينىڭ 725 مىليون دوللىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ھىندىستان يەرلىك تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مۇسادىرە قىلىش قارارى فېۋرالدىكى (2022) قانۇنسىز پۇل يۆتكەش ۋەقەسى سەۋەبىدىن باشلانغان تەكشۈرۈشتىن كېيىن ماقۇللانغان.

تەكشۈرۈشتە، خىتاينىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ئىشلەپچىقارغۇچى ماگناتى شياۋمىي «پاتېنت ھەققى تاپشۇرۇش» دېگەن يالغان باھانە بىلەن ئۈچ چەت ئەل ئورگىنىغا 725 مىليون دوللار يۆتكىگەنلىكى ئاشكارىلاندى.

خىتاينىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفون ئىشلەپچىقارغۇچى ماگناتى شياۋمىي يەرلىك تاراتقۇلارغا بايانات ئېلان قىلىپ، پاتېنت ھەققىنى تۆلىگەنلىكى ۋە ئالاقىدار باياناتلىرىنىڭ توغرا ھەم قانۇنلۇق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇقۇشماسلىقلارنى تۈزىتىش ئۈچۈن ھۆكۈمەت بىلەن يېقىندىن ھەمكارلىشىشتا قەتئىي ئىرادىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھىندىستان خىتاي بىلەن بولغان چېگرا توقۇنۇشى سەۋەبىدىن 2020-يىلى خىتايغا تەۋە 100 دىن ئارتۇق كۆچمە ئەپلەرنى چەكلىگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر