ماداغاسقاردا يۈز بەرگەن بوران – چاپقۇن ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى كۆپەيدى
ماداغاسقاردا يۈز بەرگەن «جاسمىن» ناملىق بوران – چاپقۇن ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 5 كە يەتتى.
1820319
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ماداغاسقار خىرىس ۋە جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئىشخانىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ماداغاسقارنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا يۈز بەرگەن «جاسمىن» ناملىق بوران – چاپقۇن ئاپىتىدە قازا قىلغانلار سانى 5 كە يەتكەن، 7 كىشى يوقاپ كەتكەن، 5 ئۆي تامامەن ۋەيران بولغان، 2 مىڭ 246 كىشى تالاپەتكە ئۇچرىغان.