رۇسىيە ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

رۇسىيە ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ 287 ئەزاسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1819285
رۇسىيە ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزالىرىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئەنگلىيەنىڭ 11-مارتتا (2022) رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ 386 ئەزاسىنى ئېمبارگو تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى خاتىرىلىتىلدى ۋە بۇنىڭغا جاۋابەن ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ 287 ئەزاسىغا ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنىڭ قارار قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ، رۇسىيەگە قارشى ئېمبارگو يۈرگۈزۈشتە ئاكتىپ رول ئوينىغانلىقىنى ۋە رۇسىيەگە بولغان قارشىلىقنىڭ ئېشىشىغا سەۋەب بولغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇ كىشىلەرنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىگە كىرىشىنىڭ چەكلەنگەنلىكى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، ئېمبارگو يۈرگۈزۈلگەن ئەنگلىيە ئاۋام پالاتاسى ئەزالىرىنىڭ ئىسىملىرىمۇ تىزىملىكتىن ئورۇن ئالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر