فىرانسىيەدە 5 جامەنىڭ تېمىغا كرېست سىزغان جاۋابكار جازاغا ھۆكۈم قىلىندى

فىرانسىيەدە سوت مەھكىمىسى ئۆتكەن يىلى شەرقىي شىمالىدىكى دۇبس ئۆلكىسىدە 5 جامەنىڭ تېمىغا كرېست سىزغان جاۋابكارنى جازاغا ھۆكۈم قىلدى.

1818988
فىرانسىيەدە 5 جامەنىڭ تېمىغا كرېست سىزغان جاۋابكار جازاغا ھۆكۈم قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈرك ئىسلام بىرلىكى جەمىيىتىگە تەۋە ئىككى جامەنىڭ ئادۋوكاتى باھار جەۋىز ئىبادەتكە ئىشلىتىلگەن ئىمارەتلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بېسانكون جىنايى ئىشلار سوتىنىڭ كۇئېنتىن لې دېرۇتنى 18 ئايلىق قاماق جازاسى ۋە 5 يىلغىچە سىياسىي سايلامغا قاتناشماسلىق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ستراسبۇرگ ئادۋوكاتلار جەمئىيىتى ئەزاسى ئادۋوكات باھار جەۋىز سوت مەھكىمىسىنىڭ يەنە، جىنايىتىنى ئېتىراپ قىلغان لې دېرۇتنى دەۋاگەر جامە جەمئىيەتلىرىگە 20 مىڭ ياۋرودىن كۆپرەك تۆلەم تۆلەشكە ھۆكۈم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

باھار جەۋىز تەكشۈرۈش جەريانىدا لې دېرۇتنىڭ ئۆيىدىن گىتلېرنىڭ «Mein Kampf» (مېنىڭ كۈرەشۈم) ناملىق كىتابىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

23 ياشلىق لې دېرۇت ئالدىنقى يىلى ئۆتكۈزۈلگەن رايونلۇق ۋە ئۆلكىلىك سايلاملىرىدا، مىللىي ئىتتىپاقلىق (RN) پارتىيەسىنىڭ نامزاتى بولغان ئىدى.

نويابىردا دۇبس ئۆلكىسىدە ئوخشىمىغان كۈنلەردە جەمئىي 5 جامەنىڭ تېمىغا كرېست سىزىپ قويۇلغان بولۇپ، بۇ جامەلەردىن ئىككىسى دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تۈرك ئىسلام بىرلىكى جەمىيىتىگە تەۋە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر