رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنادا تارتقان زىيانلىرى

ئۇكرائىناغا 24 – فېۋرالدا ھۇجۇم باشلىغان رۇسىيە ئارمىيەسى تەخمىنەن 22 مىڭ 100 نەپەر ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلۈپ، 184 ئايروپىلان، 154 تىك ئۇچار ۋە 918 تانكىسىدىن ئايرىلىپ قالدى.

1818453
رۇسىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنادا تارتقان زىيانلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە باش قوماندانلىق ئىشتابى 24-فېۋرالدىن 26-ئاپرېلغىچە بولغان ئارىلىقتا رۇسىيە ئارمىيەسى تارتقان زىيانلار توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تەخمىنەن 22 مىڭ 100 نەپەر ئەسكىرى قازا قىلغانلىقى، 184 ئايروپىلان، 154 تىك ئۇچار، 918 تانكا، 2308 برونېۋىك، 416 زەمبىرەك، 149 راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى ۋە 69 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ پاچاقلاپ تاشلانغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

رۇسىيە قىسىملىرى بۇلاردىن باشقا يەنە 1663 ئاپتوموبىل، 8 پاراخوت ۋە تېز سۈرئەتلىك كېمە، 76 يېقىلغۇ تىرانسپورت ۋاستىلىرى ۋە 205 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىنمۇ ئايرىلىپ قالدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر