ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە ھەيئەتلىرى «دېموكراتىيە ۋە بازار ئىقتىسادى قىممەتلىرى» گە ئىگە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلدى.

1817760
ياپونىيە بىلەن جەنۇبىي كورېيە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۇبىي كورېيەنىڭ يېڭى پىرېزىدېنتى يۇن سۇكيېئولنىڭ دىپلوماتىيە ھەيئىتى سېئۇل-توكيو ئوتتۇرىسىدىكى «مەسىلىلەرگە تولغان مۇناسىۋەتلەرنى» تۈزىتىش ئۈچۈن قەدەم تاشلاش مەقسىتىدە، ياپونىيە پايتەختى توكيوغا يېتىپ باردى.

جەنۇبىي كورېيە پارلامېنتى باشلىقىنىڭ ۋەكىلى چۇڭ جىنسۇك باشچىلىقىدا توكيودا ئۇچرىشىشلاردا بولغان جەنۇبىي كورېيە ھەيئىتى، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھاياشى يوشىماسا بىلەن كۆرۈشتى.

ئۇ كۆرۈشۈشتىن كېيىن، تەرەپلەرنىڭ «دېموكراتىيە ۋە بازار ئىقتىسادى قىممەتلىرى» گە ئىگە ئىككى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

كيودو ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلىشىچە، ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ھاياشى ئاسىيادىكى ئىككى دۆلەتنىڭ «دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئاساسى» دا مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشى كېرەكلىكىنى ۋە بۇ باسقۇچتا «پىرېزىدېنت يۇننىڭ رەھبەرلىكىدىن پايدىلىنىش كېرەكلىكى» نى ئەسكەرتكەن.

جەنۇبىي كورېيە ھەيئىتىنىڭ بەش كۈن داۋاملىشىدىغان زىيارەت رامكىسىدا، باش ۋەزىر فۇمىيونى ئۆز ئىچىگە ئالغان ياپونىيەنىڭ سىياسەت ۋە سودا-سانائەتچىلەر دۇنياسى بىلەن كۆرۈشۈشنى پىلان قىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۇ زىيارەتتىن ئىلگىرى تۋىتتېردا ئۇچۇر ھەمبەھىرلەپ: «ئەڭ ناچار شەرتلەر ئاستىغا تاشلاپ قويۇلغان جەنۇبىي كورېيە-ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بىرىنچى قەدەمنى تاشلايمىز» دېگەن ئىدى.

ئۇ ئۆكتىچى خەلقنىڭ كۈچى پارتىيەسىنىڭ نامزاتى سۈپىتىدە 9-مارت (2022) ئۆتكۈزۈلگەن پىرېزىدېنتلىق سايلىمىدا، %48.59 ئاۋازغا ئېرىشكەن ئىدى. 10-ماي ۋەزىپىسىنى رەسمىي تاپشۇرۇۋالىدىغان جەنۇبىي كورېيە پىرېزىدېنتىنىڭ ئامېرىكا بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى قوغدىغان ھالدا، شىمالىي كورېيەنىڭ يادرو قوراللىرىدىن تازىلىنىشىنى نىشان قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

ياپونىيەنىڭ كورېيە يېرىم ئارىلىنى مۇستەملىكە قىلغان 1910-يىلدىن 1945-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان كورېيەلىك ئىشچىلار بىلەن ئارمىيە قىسىملاردا مەجبۇرىي خىزمەتكە سېلىنغان كورېيەلىك ئاياللار مەسىلىسى، ياپونىيە-جەنۇبىي كورېيە مۇناسىۋىتىدە سەزگۈر مەسىلىلەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر