پارىژدا ساقچىنىڭ ئوق چىقىرىشى سەۋەبىدىن 2 كىشى قازا قىلىپ، 1 كىشى يارىلاندى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدا ساقچىنىڭ «توختا!» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشىغا رىئايە قىلمىغان شوپۇرنىڭ ئاپتوموبىلىغا ئوق چىقىرىشى سەۋەبىدىن 2 كىشى قازا قىلىپ، 1 كىشى يارىلاندى.

1817455
پارىژدا ساقچىنىڭ ئوق چىقىرىشى سەۋەبىدىن 2 كىشى قازا قىلىپ، 1 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ساقچىلىرى لوۋرې مۇزېيىغا يېقىن نېئۇف كۆۋرۈكىدە قارشى يۆنىلىشتە توختىتىلغان بىر ئاپتوموبىلنى تەكشۈرمەكچى بولدى.

بۇ جەرياندا، شوپۇر ئاپتوموبىلىنى ساقچىلارغا قارىتىپ ھەيدەشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار شوپۇرغا «توختا!» دېگەن ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى. ئەمما ئاپتوموبىل ئاگاھلاندۇرۇشقا رىئايە قىلمىدى، ساقچى ئاپتوموبىلغا قارىتىپ ئوق چىقاردى.

ۋەقەدە شوپۇر ۋە يېنىدا ئولتۇرغان كىشى قازا قىلىپ، كەينى ئورۇندۇقتىكى كىشى يارىلاندى.

ۋەقەگە قارىتا تەكشۈرۈش باشلاندى، لېكىن بۇ ھەقتە تېخىچە بىرەر رەسمىي بايانات ئېلان قىلىنمىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر