سومالىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئولتۇرغان رېستوراندا پارتلاش يۈز بەردى

سومالىنىڭ پايتەختى موگادىشۇدا بىر رېستوراندا يۈز بەرگەن پارتىلاشتا 6 كىشى قازا قىلىپ، 7 كىشى يارىلاندى.

1817106
سومالىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئولتۇرغان رېستوراندا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى ئەمەلدارى ئابدى مۇھەممەد موگادىشۇنىڭ لىدو دېڭىز ساھىلىدىكى بىر رېستوراندا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم يۈز بەرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ئابدى مۇھەممەد پارتىلاشتا 6 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى ۋە 7 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەممەد ھۇجۇمنىڭ سومالى ساقچى قىسىم قوماندانى ئابدى ھەسەن مۇھەممەد ھىجار ۋە پارلامېنت ئەزالىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى رېستوراندا بار پەيتتە يۈز بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

يەنە بىر تەرەپتىن، يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاشتىن كېيىن ئوق ئاۋازلىرى ئاڭلانغان.

پارتىلاشنىڭ جاۋابكارلىقىنى ھازىرغىچە ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىغان.

تېرورلۇق تەشكىلاتى ئەششاباب داۋاملىق دېگۈدەك سومالى بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ۋە پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلىپ كەلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر