ھايتىدا ئايروپىلان چۈشۈپ كەتتى
ھايتىنىڭ پايتەختى پورت-ئو-پرىنسدا كىچىك تىپتىكى بىر ئايروپىلاننىڭ يولغا چۈشۈپ يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇپ كېتىشى نەتىجىسىدە 5 ئادەم قازا قىلدى.
1815711
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ھايتىنىڭ جەنۇبىدىكى دېڭىز بويىغا جايلاشقان شەھەرلەردىن بىرى بولغان جاكمېلغا كېتىۋاتقان كىچىك تىپتىكى بىر ئايروپىلان، يولغا چۈشۈپ يۈك ئاپتوموبىلىغا سوقۇلۇپ كەتكەن. قازادا يۈك ئاپتوموبىلىنىڭ شوپۇرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ئادەم قازا قىلغان، يارىلانغان ئۇچقۇچى دوختۇرخانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ھايتى باش مىنىستىرى ئارىئېل ھېنرى، ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Twitter سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قازادا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ يېقىن - يورۇقلىرىغا تەزىيە بىلدۈرگەن.
ھايتىدا ئالدىنقى يىلىمۇ پايتەخت ئەتراپلىرىدا خۇسۇسىي بىر ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى.