پاكىستاندا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

پاكىستاننىڭ سىندى ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 8 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 9 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1815031
پاكىستاندا ئوت ئاپىتى يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پاكىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سىندى ئۆلكىسىنىڭ دادۇ رايونىغا جايلاشقان بىر يېزىدىكى بىر ئۆينىڭ ئاشخانىسىغا ئوت كەتكەن. دەسلەپكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئوت ئاپىتىدە  8 ى بالا بولۇپ، 9 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، 50 ئۆي پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان.

يېزا ئاھالىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوت ئاپىتىدە 160 ھايۋان ھالاك بولغان، دېھقانچىلىق مەيدانلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىغان. يېزا ئاھالىسى دائىرىلەرگە ئەھۋالنى مەلۇم قىلغان، لېكىن، ئوت ئۆچۈرۈش ئەترەتلىرى تېخىچە رايونغا يېتىپ بارمىغان.

پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شېرىف، ئاپەت ھەققىدە  تەپسىلىي دوكلات تەييارلىنىشىنى تەلەپ قىلغان، ھەمدە يېزا ئاھالىسىغا ياردەم بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر