گېرمانىيە: ئىتتىپاقنىڭ ھەر كىۋادرات سانتىمېتىر زېمىنىنى قوغدايمىز

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بائېربوك (AnnalenaBaerbock) بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللايدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

1815140
گېرمانىيە: ئىتتىپاقنىڭ ھەر كىۋادرات سانتىمېتىر زېمىنىنى قوغدايمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاننالېنا بائېربوك بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرى زىيارىتىدىن ئىلگىرى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قارشى باشلىغان ئۇرۇش سەۋەبىدىن لاتۋىيە، ئېستونىيە ۋە لىتۋانىيەنى تېخىمۇ كۈچلۈك قوللايدىغانلىقلىرى توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

ئۇ: «جىددىي ئەھۋالدا ئىتتىپاققا تەۋە ئورتاق  زېمىنلىرىمىزنىڭ ھەر كىۋادرات سانتىمېتىرىنى قوغدايمىز» دېدى.

ئۇ گېرمانىيەنىڭ شېرىكلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئىشلارنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، قورال-ياراغ، ئىقتىسادىي ياردەم ۋە باشقا ئېغىر ئېمبارگولار بىلەن،  ئۇكرائىنانىڭ ھايات قېلىش كۈرىشىنى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ «كىشى ھاياتىغا، خەلقئارا قانۇنغا، ئۆز خەلقىنىڭ ھاياتى ۋە تەرەققىيات پۇرسىتىگە ھۆرمەت قىلمايدىغانلىقى» نى ئەسكەرتىپ، رۇسىيە رەھبىرىنىڭ ياۋروپا بىخەتەرلىك قۇرۇلمىسىنىڭ زور بىر قىسمىنى ۋەيران قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ ياۋروپا بىخەتەرلىكنى قايتا تەشكىللەشكە تۆھپە قوشقانلىقلىرىنى بىلدۈردى ۋە ئىتتىپاق ئەزالىرىنىڭ گېرمانىيەگە ئىشەنچ قىلسا بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بالتىق دېڭىزى دۆلەتلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش ۋە مۇداپىئە ئىشلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە مەبلەغ سېلىۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭدىكى سەۋەبنىڭ بۇ دۆلەتلەرنىڭ يىللاردىن بۇيان رۇسىيەدىن ئەنسىرەپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر