پولشا يارىلانغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى داۋالاشقا تەييار

پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىسكى پولشا دوختۇرخانىلىرىنىڭ زۆرۈر بولغاندا، يارىلانغان 10 مىڭ ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى داۋالاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1814621
پولشا يارىلانغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرىنى داۋالاشقا تەييار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا باش مىنىستىرى ماتېئۇس موراۋىسكى ئۇكرائىنانىڭ لۋىۋ شەھىرىنى زىيارەت قىلدى ۋە مۇھىم باياناتلارنى ئېلان قىلدى.

ئۇ: «بىز ھازىرمۇ ئۇكرائىنادىن كەلگەن يارىدار ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىپ داۋالاۋاتىمىز. ئۇرۇشنىڭ بۇنچىلىك قورقۇنچلىق تەسرىنىڭ بولماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن. زۆرۈر بولغاندا، ئەڭ ئاز دېگەندە 10 مىڭ ئەسكەرنى قوبۇل قىلىشقا تەييارمىز» دېدى.

ئۇ يۈزلەرچە ئەسكەرنىڭ پولشانىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە داۋالىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئۇكرائىنادىن كەلگەن بارلىق يارىدار ئەسكەرلەرنى داۋالاش ئۈچۈن ھەممە ئىشنى قىلىمىز. دوختۇرخانىلىرىمىز بۇنىڭغا تەييار. ھەممە ئەسكەر تەكرار شىپالىققا ئېرىشىپ، ئۆيلىرىگە قايتسۇن ۋە بالىلىرىنى كۆرسۇن» دېدى.

ئۇ لۋىۋدا ئۆيسىز قالغان ئۇكرائىنالىقلار ئۈچۈن كانتېينىر ئۆيلەر بىلەن قۇرۇلغان مەھەللىنىڭ ئېچىلىشىغا قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر