ئۇكرائىنا رۇسىيەنىڭ ئۈچ دانە تىك ئۇچارىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈردى
ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋادا زور چىقىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
1813828
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ھاۋا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيەنىڭ بىردانە «KA-52» تىپلىق، ئىككى دانە «Mi-24» تىك ئۇچارىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
بۇ ھەقتىكى باياناتتا، رۇسىيە ئىشغالچىلىرىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر «ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئېتىپ، راكېتا ۋە زەمبىرەك بومباردىمانى ئاستىدا تۇتۇپ، دەرت-ئەلەم، ئۆلۈم ۋە ئىختىلاپ كەلتۈرۈشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى» قەيت قىلىندى.
رۇسىيە ئىشغالچىلىرىنىڭ قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئېغىر زەربىلەرگە ئۇچراۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا: «يېقىنقى 24 سائەتتە بىر دانە < KA-52> تىپلىق تىك ئۇچار ۋە ئىككى دانە < Mi-24 > تىپلىق تىك ئۇچار، بىر دانە ئايروپىلان ۋە <10-ئورلان> ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق» دېيىلدى.