ئامېرىكادا تۈركىيەلىك بىر ياش ئىرقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

ئامېرىكانىڭ نيۇيورك شەھىرىدە كىملىكى ئېنىقسىز بىر كىشى تۈركىيە پۇقراسى بىر ياشقا «تۈرك بولغانلىقى ئۈچۈن» پىچاقلىق ھۇجۇم قىلدى.

1813660
ئامېرىكادا تۈركىيەلىك بىر ياش ئىرقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نيۇيورك ساقچى ئىدارىسى تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا، ھۇجۇمنىڭ 4 - ئاينىڭ 15- كۈنى مانخاتتاندا يۈز بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرنى ۋە ھۇجۇمچىنىڭ سۈرىتىنى ھەمبەھرىلىدى.

ئارقىدىن ساقچىلار بايانات ئېلان قىلىپ، نامەلۇم بىر كىشىنىڭ تۈركىيە قارشى سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، 24 ياشلىق بىر ئەرنىڭ كۆكرىكىگە پىچاق تىققانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، ھۇجۇمغا ئۇچراپ دوختۇرخانىدا بالنىستقا ئېلىنغان كىشىنىڭ كىملىكى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، «كۈندىلىك خەۋەرلەر> ناملىق تور بېتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساقچى دائىرىلىرى، ھۇجۇمچىنىڭ ۋەقەنى سادىر قىلىشتىن بۇرۇن، 24 ياشتىن تۈرك ياكى ئەمەسلىكىنى سورىغانلىقىنى، ئاندىن «مەن تۈركلەرنى ئۆچ كۆرىمەن» دەپ ھۇجۇمغا ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

يەرلىك تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىنغان بىر سىن كۆرۈنۈشىدىمۇ، ھۇجۇمغا ئۇچرىغان كىشىنىڭ «تۈرك بولغانلىقى ئۈچۈن پىچاقلانغانلىقى» ئۇچۇرى ئورۇن ئالدى.

جىنايەت گۇماندارى ھەققىدە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 3500 دوللارغىچە مۇكاپات بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان نيۇيورك ساقچى ئىدارىسى، ۋەقە توغرىسىدا ئۆچمەنلىك جىنايىتى تەكشۈرۈشى باشلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر