رۇسىيە بۇلغار دىپلوماتلارنى «قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس» دەپ ئېلان قىلدى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۇلغارىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان دىپلوماتلارنى «قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس» دەپ ئېلان قىلدى.

1814011
رۇسىيە بۇلغار دىپلوماتلارنى «قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس» دەپ ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، بۇلغارىيەنىڭ موسكۋادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ئاتاناس كىرىستىننىڭ مىنىستىرلىققا چاقىرتىلىپ، بۇلغارىيە ئەلچىخانىسىدا ئىشلەيدىغان خادىملارنىڭ «قارشى ئېلىنمايدىغان شەخس» دەپ ئېلان قىلىنغانلىقىغا دائىر ئۇلتىماتوم تاپشۇرۇلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا: «مەزكۇر تەدبىر بۇلغارىيە تەرەپنىڭ بۇ يىل مارتتا ھېچقانداق تۇترۇقى بولمىغان بىر قارارغا ئاساسەن رۇسىيەنىڭنىڭ سوفىيادىكى ئەلچىخانىسىنىڭ 10 دىپلوماتىنى «قارشى ئېلىنغان شەخس» دەپ ئېلان قىلىشىغا جاۋابەن يولغا قويۇلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر