نوترە دام چوڭ چېركاۋىدىكى سىرلىق لەھىت ئېچىلىدىغان بولدى

فىرانسىيەنىڭ پايتەختى پارىژدىكى نوترە دام چوڭ چېركاۋىدا تېپىلغان ۋە 14-ئەسىرگە تەۋە ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنغان لەھىتنىڭ ئېچىلىدىغانلىقى ئېلان قىلىندى.

1813735
نوترە دام چوڭ چېركاۋىدىكى سىرلىق لەھىت ئېچىلىدىغان بولدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فىرانسىيە ئارخېئولوگلىرى 2019-يىلىدىكى ئوت ئاپىتىدە زىيانغا ئۇچرىغان نوترە دام چوڭ چېركاۋىنىڭ رېمۇنت خىزمەتلىرى جەريانىدا  تېپىلغان ۋە  قوغۇشۇندا ياسالغان لەھىتنىڭ «سىرىنى ئاشكارىلاش» ئۈچۈن ئېچىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ھازىر بىخەتەر جايدا ساقلىنىۋاتقان بۇ لەھىت پات يېقىندا تۇلۇس شەھىرىدىكى قانۇن دوختۇرلۇق تىببىي ئىنستىتۇتىغا ئەۋەتىلىدۇ.

ئالىملار ئىلگىرى لەھىتنىڭ ئىچىنى ئېندوسكوپى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كامېرا بىلەن تەكشۈرگەن بولۇپ، ئەمدىلىكتە لەھىتتىكى كىشىنىڭ جىنسىنى، ئۇنىڭ ئەينى چاغدىكى سالامەتلىك ئەھۋالىنى ۋە ئىجتىمائىي ئورنىنى ئېنىقلاشقا تىرىشىدىغان بولدى.

تەتقىقاتلاردا يەنە، كاربون تارىخ بېكىتىش تېخنىكىسىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.

لەھىتنىڭ ئورنى ۋە شەكلى مەزكۇر كىشىنىڭ بەلكىم ئەينى چاغدىكى داڭلىق شەخسلەردىن بىرسى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر