ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرازىلىيەدە تۇنجى قېتىم «كۆزەتكۈچى» بولۇشقا تەكلىپ قىلىندى

ياۋروپا ئىتتىپاقى تۇنجى قېتىم بىرازىلىيە سايلاملىرىدا «كۆزەتكۈچى» بولۇشقا تەكلىپ قىلىندى.

1810926
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىرازىلىيەدە تۇنجى قېتىم «كۆزەتكۈچى» بولۇشقا تەكلىپ قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرازىلىيە سايلام ئىشلىرى ئورگىنى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈلۈشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلىمىغا تەكلىپ قىلىشتىن مەقسەت، «سايلام سىستېمىسىنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى مۇمكىن قىلىش»  ئىكەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن باشقا، ئىلگىرى ئامېرىكا دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ۋە پورتۇگالىيە تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر بىرلىكى قاتارلىق بىرازىلىيە سايلاملىرىنى كۆزەتكەن باشقا گۇرۇپپىلار بىلەنمۇ بۇ ھەقتە داۋاملىق مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلماقتا ئىكەن.

ئۆكتەبىردە ئۆتكۈزۈلىدىغان پىرېزىدېنت سايلاملىرىدا قايتا سايلىنىش ئۈچۈن نامزات بولىدىغان پىرېزىدېنت جاير بولسونارو، بىرازىلىيە سايلام ئىشلىرى ئورگىنىنى، سابىق پىرېزىدېنت ۋە رەقىبى لۇيىز ئىناكىيو لۇلا دا سىلۋاغا ئىمتىياز بېرىش بىلەن ئەيىبلىدى.

بولسونارو يەنە، ئېلېكترونلۇق بېلەت تاشلاش سىستېمىسىنى ئىشەنچىلىك ئەمەس، دەپ تەنقىد قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر