ئۇرۇشنىڭ 47-كۈنى خاركىۋ ئۈچۈن ئەڭ قىيىن بىر كۈن بولدى
ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھەر باشلىقى رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىدا بىر كىچىك بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1811186
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنانىڭ خاركىۋ شەھەر باشلىقى ئىگور تېرېخوۋ رۇسىيەنىڭ بومباردىماننىڭ سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۇجۇملاردا بىر كىچىك بالىنىڭ جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
ئۇ تارقاتقان ۋىدېئوسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇرۇشنىڭ 47-كۈنىنىڭ خاركىۋ ئۈچۈن قىيىن بىر كۈن بولغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇ تۇرالغۇ رايونلىرى، ئۇل-ئەسلىھەلەر ۋە گوركىي باغچىسىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ناھايىتى ئەپسۇسكى، بومباردىماندا يارىلانغانلار بار، ئەڭ يامان بولغىنى بىر كىچىك بالا جېنىدىن ئايرىلدى» دېدى.