راما تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىخەتەرلىك نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

ئالبانىيە باش مىنىستىرى ئېدى راما تۈركىيەنىڭ پۈتكۈل ياۋروپا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىخەتەرلىك نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1810907
راما تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم بىخەتەرلىك نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېدى راما گېرمانىيەنىڭ پايتەختى بېرلىندا مەنسەپدىشى ئولاف شولز بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

راما، بىر مۇخبىرنىڭ، يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان رۇسىيە، خىتاي، تۈركىيە ياكى ئەرەب دۆلەتلىرىگە دۆلەتلەرنىڭ غەربىي بالقان رايونىدىكى بولغان تەسىرىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، غەربىي بالقان رايونىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان بارلىق كۈچلەر ياكى ئۈچىنچى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئوخشاش ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ، رۇسىيەنىڭ رايوندىكى تەسىرىنىڭ بولۇپمۇ بۈگۈنكى شارائىتتا بىر ساقلىنىۋاتقان مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ غەربىي بالقان رايونىدىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ئۆزىگە تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇشى كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيەنىڭ ئۈچىنچى بىر كۈچ ئەمەس، بەلكى ئالبانىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن راما: «مېنىڭچە، تۈركىيە پۈتكۈل ياۋروپا ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىخەتەرلىك نۇقتىسىدۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، دۆلىتىنىڭ پارس قولتۇقى دۆلەتلىرى بىلەن ئۇزۇن يىللىق دوستلۇق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر