بايدىن «ئەرۋاھ قوراللار»نىڭ سېتىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى جو بايدىن جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن ۋە يۈرۈشلەشكەن رەت نومۇرى يوق ھالەتتە سېتىلىدىغان «ئەرۋاھ قوراللار» نىڭ سېتىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

1811130
بايدىن «ئەرۋاھ قوراللار»نىڭ سېتىلىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن ئاقسارايدا ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكادىكى قوراللىق زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا قارشى يولغا قويۇلىدىغان يېڭى بەلگىلىمىلەرنى جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلاشتى.

ئۆيدە قوراشتۇرغىلى بولىدىغان يۈرۈشلۈك زاپچاسلار ھالىتىدە سېتىلىدىغان، ھېچقانداق ئىشلەپچىقىرىش رەت نومۇرى يوق «ئەرۋاھ قوراللار» نىڭ جىنايى ئىشلار خاتىرىسى تەكشۈرۈلمەستىنلا سېتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بايدىن: «بىر تېرورچىمۇ بېرىپ بۇ قوراللارنى سېتىۋالالايدۇ» دېدى.

ئۇ، بۇ قوراللارنىمۇ «قورال- ياراغ» تۈرىگە كىرگۈزۈش ئارقىلىق رەت نومۇرى ۋە جىنايى ئىشلار تەكشۈرۈشى بولماي تۇرۇپ سېتىشقا بولمايدىغان ۋەزىيەتنىڭ يارىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بايدىن يەنە <ئەرۋاھ  قوراللار>غا مۇناسىۋەتلىك ساقلىنىۋاتقان ئەڭ چوڭ مەسىلىنىڭ، ئۇلارنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلغىلى بولمايدىغانلىقى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، يوشۇرۇن جىنايەتچىلەرنى <ئەگەر بۇنىڭدىن كېيىن ئەرۋاھ قوراللارنى ئىشلىتىپ جىنايەت سادىر قىلساڭلار، فېدېراتسىيە سوتىدا جاۋابكارلىققا تارتىلىشقا تەييارلىق قىلىڭلار> دەپ ئاگاھلاندۇردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر