ئۇكرائىنادا خەتەرلىك رايونلاردىن پۇقرالار تارقاقلاشتۇرۇلماقتا

ئۇكرائىنا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىرىنا ۋېرېشچۇك ئۇرۇش رايونلىرىدىن تۈنۈگۈن (10-ئاپرېل) بىر كۈندە 2 مىڭ 824 كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

1810321
ئۇكرائىنادا خەتەرلىك رايونلاردىن پۇقرالار تارقاقلاشتۇرۇلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ئىرىنا ۋېرېشچۇك ئىجتىمائىي تاراتقۇدا ھەمبەھىرلىگەن ۋىدېئودا، ئۇرۇش رايونلىرىدىن پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:

«بۈگۈن (10-ئاپرېل) خەتەرلىك رايونلاردىن 2 مىڭ 824 كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى. بىر كۈندە جەمئىي 2 مىڭ 622 كىشى ئۆزلىرىنىڭ ئاپتوموبىللىرى ۋە ئەۋەتىلگەن ئاپتوبۇسلار بىلەن مارىيۇپول، بېرديانسك شەھەرلىرىدىن زاپورىژيې شەھىرىگە يېتىپ باردى. بۇلارنىڭ 213 نەپىرى مارىيۇپول شەھىرىدىن، قالغانلىرى پولوخ، ۋاسىلىۋكا، مېلىتوپول ۋە بېرديانسك شەھەرلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلدى. لۇخانسك رايونىدا ئوق چىقىرىلغان بولسىمۇ، 202 كىشى لىسىچانسك، سېۋېرودونېتسك، رۇبىژنې، پوپاسنا ۋە كرېمىننا شەھەرلىرىدىن تارقاقلاشتۇرۇلدى.»

ئۇ تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن بەزى ئاپتوبۇسلارنىڭ رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە تارقاقلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر