رۇسىيە ۋە  ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇشتا تارتقان زىيانلىرى

24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش باشلىغان روسىيە ئارمىيەسى 19 مىڭ 300 ئەسكەر، 152 ئايروپىلان، 137 تىك ئۇچار ۋە 722 تانكىسىدىن ئايرىلىپ قالدى.

1809996
رۇسىيە ۋە  ئۇكرائىنانىڭ ئۇرۇشتا تارتقان زىيانلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە باش ئىشتابى 24-فېۋرالدىن 10-ئاپرېلغىچە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تارتقان زىيانلىرىغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسەن، رۇسىيە ئارمىيەسى ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغاندىن بۇيان 19 مىڭ 300 ئەسكىرى ئۆلتۈرۈلگەن. 152 رۇسىيە ئايروپىلانى، 137 تىك ئۇچار، 722 تانكا، 1911 بروۋنىك، 342 زەمبىرەك، 108 راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى ۋە 55 ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى پاچاقلاپ تاشلانغان.

رۇسىيە قىسىملىرى يەنە، 1384 ئاپتوموبىل، 7 پاراخوت ۋە تېز سۈرئەتلىك كېمە، 76 يېقىلغۇ ئاپتوموبىلى ۋە 112 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندىنمۇ ئايرىلىپ قالغان.

روسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىگور كوناشېنكوف رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ كېچىچە يۇقىرى ئېنىقلىقتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ئۇكرائىنادىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

كوناشېنكوۋ دىنىپرو رايونىدىكى ياللانما چەتئەللىك چەڭچىلەر يېغىلغان مىللىيەتچى «دنېيېپىر» باتالىيونىنىڭ باش ئىشتابى بىلەن ستاروبوگدانوۋكا ئولتۇراق رايونىغا يېقىن مىكولايۋ رايونىدىكى S-300 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى ۋە چۇگۇيېۋ ھەربىي ئايرودورومىغا  ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

كوناشېنكوف رۇسىيە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنادا 86 ھەربىي ئەسلىھەنى پاچاقلاپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «بۈگۈنگە قەدەر  ئۇۆرائىنا ئارمىيەسىگە تەۋە 127 ئايروپىلان، 98 تىك ئۇچار، 234 دانە S-300 ، Buk-M1 ۋە Osa AKM تىپلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسى، 436 ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان، 2 مىڭ 52 تانكا ۋە برونېۋىك، 232 كۆپ تۇڭلۇق راكېتامىيوت ئاتار، 894 زەمبىرەك ۋە مىناميوت،  1975 ھەربىي ئاپتوموبىل پاچاقلاپ تاشلاندى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر