ئامېرىكا: رۇسىيە غەربىي رايونىغا بەزى قىسىملىرىنى يۆتكىدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئۇكرائىنانىڭ شەرقىي قىسمىغا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن رۇسىيەنىڭ غەربىي رايونلىرىدىكى شەھەرلەرگە بەزى قىسىملىرىنى يۆتكىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

1809680
ئامېرىكا: رۇسىيە غەربىي رايونىغا بەزى قىسىملىرىنى يۆتكىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ بىر ئەمەلدارى، ژۇرنالىستلارغا، رۇسىيە – ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، كىيېۋ ئەتراپىدىن چېكىنگەن بەزى رۇس كۈچلىرىنىڭ بېلارۇسىيەدىكى ھەربىي بازىلىرىغا يېتىپ بارغانلىقىنى، يەنە بىر قىسمىنىڭ بولسا، رۇسىيەنىڭ غەربىي چېگرا لىنىيەلىرىگە جايلاشقان بېلگورود ۋە ۋالۇيكى شەھەرلىرىگە يۆتكەلگەنلىكىنى قەيت قىلدى، رۇسىيەنىڭ 44 كۈنلۈك ئۇرۇشتا ئۇكرائىناغا 1500 ئەتراپىدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئاتقانلىقىنى، توقۇنۇشلارنىڭ جەنۇبقا مەركەزلىشىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەسكەرلىرىدىن % 15 تىنىڭ ئۇرۇشتا ئۆلگەنلىكىنى، مارىيۇپول شەھىرىدە توقۇنۇشلارنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھازىرمۇ بۇ شەھەرنى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر