ئىراقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شىددەتلىك قۇم بورىنى چىقتى

ئىراقنىڭ جەنۇبىي ۋە غەربىي ۋىلايەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن جايلىرىدا چىققان قۇم بورىنى، كەركۈك شەھىرىدە نەچچە ئون كىشىنىڭ تۇنجۇقۇپ قېلىش خەۋپىنى باشتىن كەچۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

1809218
ئىراقنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا شىددەتلىك قۇم بورىنى چىقتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كەركۈك شەھىرىدىكى دۆلەت دوختۇرخانىسى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، ئون نەچچە كىشىنىڭ شەھەردە كۆرۈلگەن كۈچلۈك قۇم بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ بەزىلىرىنىڭ نەپەس قىيىنلىشىش ۋە بوغۇلۇش خەۋىپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

باياناتتا، شەھەر مەركىزىدە 90 ئادەمنىڭ نەپەس ئالالماسلىق خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ بالنىستقا ئېلىنغانلىقى، بەزىلىرىنىڭ تېببىي مۇداخىلىدىن كېيىن ئۆيلىرىگە قايتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر