كۇلېبا بۇچادىكى ۋەھشىيلىكنىڭ «مۇز تېغىنىڭ كۆرۈنگەن قىسمى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترو كۇلېبا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسىدىن ئازاد قىلغان پايتەخت كىيېۋ ئەتراپىغا جايلاشقان بۇچادىكى ۋەھشىيلىكنىڭ «مۇز تېغىنىڭ كۆرۈنگەن قىسمى» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

1807256
كۇلېبا بۇچادىكى ۋەھشىيلىكنىڭ «مۇز تېغىنىڭ كۆرۈنگەن قىسمى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى دمىترو كۇلېبا ئۇكرائىنا ئارمىيەسى رۇسىيە ئارمىيەسىدىن ئازاد قىلغان پايتەخت كىيېۋ ئەتراپىغا جايلاشقان بۇچادىكى ۋەھشىيلىكنىڭ «مۇز تېغىنىڭ كۆرۈنگەن قىسمى» ئىكەنلىكىنى، مارىيۇپولدىكى ۋەزىيەتنىڭ بولسا «تېخىمۇ ناچار» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار ۋەزىرى لىز ترۇس بىلەن دمىترو كۇلېبا پولشا پايتەختى ۋاراشاۋادىكى ئۇچرىشىشىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇكرائىنانىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئۇكرائىنا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كۇلېبا ئۇكرائىنانىڭ پايتەخت كىيېۋدىكى ئۇرۇشتا غەلبە قىلغان بولسىمۇ، ئۇرۇشنىڭ تېخى ئاخىرلاشمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە قايتىدىن كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمغا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ رۇسىيەنىڭ دونېتسك ۋە لۇخانسكتا تېخىمۇ كۆپ رايوننى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، مۇنداق دېدى:

«قانىغان مارىيۇپولنى قولغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنىدۇ. بۇچادا كۆرگەن ۋەھشىيلىك، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ بۈگۈنگىچە ئۇكرائىنا زېمىنلىرىدا ئۆتكۈزگەن بارلىق جىنايەتلىرىنىڭ، يەنى مۇز تېغىنىڭ كۆرۈنگەن قىسمى. سىلەرگە مۇبالىغە قىلماستىن چوڭقۇر قايغۇ ئىچىدە شۇنى دەيمەنكى مارىيۇپولدىكى ۋەزىيەت، بۇچادا، كىيېۋ ئەتراپىدىكى باشقا شەھەر ۋە رايون، يېزىلاردا كۆرگەنلىرىمىزگە سېلىشتۇرغاندا ئىنتايىن ناچار. بۇچا، مارىيۇپول ۋە باشقا جايلاردا يۈز بەرگەن ۋەھشىيلىكلەر، G7  ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگولىرىنى زۆرۈر قىلىدۇ» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر