رۇسىيە يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىنىڭ 52 «دوست» دۆلەتكە قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى
رۇسىيە باش مىنىستىرى مىخائىل مىشۇستىن، 9 - ئاپرېلدىن باشلاپ 52 «دوست» دۆلەتكە قاتنايدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.
1806915
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مىشۇستىن پايتەخت موسكۋادا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا سۆز قىلىپ، كوۋىد - 19 سەۋەبىدىن يولغا قويۇلغان بەزى تەدبىرلەرنىڭ بىكار قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە يولۇچىلار ئايروپىلانلىرىغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ، رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ نۇرغۇن دۆلەتكە چەكلىمىسىز ھالدا بارالايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ئارگېنتىنا، ھىندىستان، خىتاي ۋە جەنۇبىي ئافرىقا قاتارلىق 52 دوست دۆلەتكە ئۇچىدىغان ئايروپىلان سەپەرلىرى 9 - ئاپرېلدىن باشلاپ ئەسلىگە كېلىدۇ» دېدى.
ئۇرۇشتىن كېيىن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى رۇس ئايروپىلانلىرىنىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە كىرىشىنى چەكلىگەن، رۇسىيەمۇ ئوخشاش شەكىلدە قارار ماقۇللاپ ئۆچ ئالغانىلىقىنى جاكارلىغانىدى.