كابۇلدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 10 كىشى يارىلاندى

ئافغانىستاننىڭ پايتەختى كابۇلدىكى تاشقى پېرېۋوت مەركىزى شەھزادە بازىرىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 10 كىشى يارىلاندى.

1806251
كابۇلدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا 10 كىشى يارىلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شەھزادە بازارى تاشقى پېرېۋوت سودىگەرلىرى بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇلى ھاجى زىرەك ئاخباراتقا بەرگەن باياناتىدا، بازار ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بومبىنىڭ پارتىلىشى نەتىجىسىدە 10 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شاھىتلار  بولسا، 15 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ھۇجۇمنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېخىچە ھېچكىشى ئۆز ئۈستىگە ئالمىدى.

يەنە بىر تەرەپتىن ئافغانىستاننىڭ غەربىدىكى ھېرات ئۆلكىسىدە 1 – ئاپرېلدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىنىڭ جاۋابكارلىقىنى تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

ئاساسلىقى شىئەلەر كۆپ ئولتۇراقلاشقان ھېراتنىڭ جىبرايىل رايونىدا يەرلىك بىر ئويۇن جەريانىدا  ئادەم بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ،  5 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغا ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر