ۋاڭ يى: 20 دۆلەت گۇرۇھىنى ھېچكىم بۆلەلمەيدۇ

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 20 چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىسىدىن تەركىب تاپقان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھەر بىر ئەزاسىنىڭ باراۋەر سالاھىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، ھېچكىمنىڭ بۇ گۇرۇھنى بۆلۈشكە قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

1805536
ۋاڭ يى: 20 دۆلەت گۇرۇھىنى ھېچكىم بۆلەلمەيدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ھىندونېزىيە، فىلىپپىن، تايلاند ۋە بىرما قاتارلىق شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا دۆلەتلىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىنىڭ 31 - مارتتىن 3 - ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىغان خىتاي زىيارىتىنى باشلىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

باياناتقا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر ۋاڭ ھىندونېزىيەلىك مەنسەپدىشى رېتنو مارسۇدى بىلەن ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ تۇنشى شەھىرىدە كۆرۈشكەن؛ ئۇچرىشىشتا، ئىككى تەرەپنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى دائىرىسىدىكى ھەمكارلىق ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىش توغرىسىدا كېلىشكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ۋاڭ يى، ھىندونېزىيەنىڭ 15 - ئۆكتەبىردىن 16 - ئۆكتەبىرگىچە بالى ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك ساھىبخانلىق قىلىشى ئۈچۈن تېگىشىلىك ياردەملەرنى بېرىدىغانلىقلىرىنى تەكىتلىگەن.

20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ماكرو ئىقتىسادىي سىياسەتلىرىنىڭ ماسلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئۇنى سىياسەتنىڭ قورالى قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن مىنىستىر  ۋاڭ: «بارلىق ئەزالارنىڭ سالاھىيىتى ئوخشاش، ھېچكىمنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنى بۆلۈش ھوقۇقى يوق» دېگەن.

ۋاڭنىڭ سۆزلىرى، بېيجىڭنىڭ، رۇسىيەنىڭ قىرىمنى ئىگەللىۋېلىشىدىن كېيىن تەرەققىي تاپقان 8 دۆلەت گۇرۇھىدىن چىقىرىۋېتىلگىنىگە ئوخشاش، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن 20 دۆلەت گۇرۇھىدىن چېكدۈرۈلۈشىگە قارشى تۇرىدىغانلىقىنىڭ سىگنالىنى بەردى.

دۇنيادىكى 8 چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە تەرىپىدىن قۇرۇلغان 8 دۆلەت گۇرۇھى، 2014 - يىلى قىرىمنى ئىگەللىۋالغاندىن كېيىن رۇسىيەنى ئەزالىقتىن چىقىرىۋەتكەن، كېيىنكى يىللاردا 7 دۆلەت گۇرۇھى دەپ ئاتىلىشقا باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر