ئاۋستىرالىيەدە ئىككى تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

ئاۋستىرالىيەنىڭ مېلبورن شەھىرىدىن كۆككە كۆتۈرۈلگەن ئىككى تىك ئۇچاردىن بىرى ئورمانلىققا چۈشۈپ كەتتى.

1804870
ئاۋستىرالىيەدە ئىككى تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئاۋستىرالىيە ئارمىيەسىگە تەۋە ھەمدە بىر رايونغا قاراپ ئۇچقان ۋە ئىچىدە بەشتىن ئەسكەر بولغان ئىككى تىك ئۇچاردىن بىرى، مېلبورن شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى مونت دىساپوينتمېنت (Mount Disappointment) رايونىدا سەۋەبى ئېنىق بولمىغان مەسىلە تۈپەيلى چۈشۈپ كەتتى.

ئورمانلىقتا كۆكتىن قىلىنغان تەكشۈرۈشلەردە، تىك ئۇچار چۈشۈپ كەتكەن جاي بايقالدى.

مەسئۇللار تىك ئۇچاردىكى كىشىلەرنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەرمىدى، ئەمما قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ نەق مەيدانغا يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر