ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنى قوراللىنىشقا چاقىردى.

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نافتالى بېننېت يېقىنقى كۈنلەردە ئارقىمۇئارقا يۈز بەرگەن قانلىق ھۇجۇملاردىن كېيىن، ئىجازەتنامىسى  بار ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنى «قورال ئېلىپ يۈرۈش» چاقىردى.

1804912
ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئىسرائىلىيە پۇقرالىرىنى قوراللىنىشقا چاقىردى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: نافتالى بېننېت، ئالدىنقى كۈنى كەچتە بېنى باراك شەھىرىدە 1 ساقچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 5 ئىسرائىلىيەلىك قازا قىلغان ھۇجۇمدىن كېيىن، ئېلان قىلغان سىنلىق ئۇچۇرىدا، بىر قاتار يېڭى بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى قوللىنىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە پۇقرالىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىز ھازىر قانلىق تېررورلۇق ھەرىكەتلەر باسقۇچىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىمىز، ئىلگىرىكى بارلىق باسقۇچلاردىكىگە ئوخشاش، بۇ قېتىممۇ چوقۇم بىز بىرلىكتە غەلىبە قىلىمىز.»

ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى، يەھۇدىي پۇقرالىرىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىسرائىلىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن سىلەردىن قانداق قىلىشىڭلار كۈتۈلۈۋۋاتىدۇ؟ ھوشيار ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشۇڭلار. كۆزۈڭلارنى ئېچىڭلار. كىمنىڭ قورال ئېلىپ يۈرۈش ئىجازەتنامىسى بولسا، ھازىر ئۇنى ئېلىپ يۈرۈشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى. ئەرەب جەمئىيەتلىرىدىكى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان دەرىجىدە توپلانغان قانۇنسىز قوراللارنى يىغىشنىمۇ تېزلىتىۋاتىمىز، ھازىر بۇنى تازىلاشنىڭ دەل ۋاقتى يېتىپ كەلدى.»

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيەدە يېقىنقى بىر ھەپتە ئىچىدە ئۇدا 3 قېتىم قانلىق ھۇجۇم يۈز بەرگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر