پولشا ياۋروپادىن 2.2 مىليارد ياۋرو تەلەپ قىلغان

پولشا مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بلازېي پوبوزى (BlazejPobozy) ئۇكرائىنا مۇساپىرلىرىنىڭ تۇرالغۇ ۋە باشقا خىراجەتلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن 2.2 مىليارد ياۋرو تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1805085
پولشا ياۋروپادىن 2.2 مىليارد ياۋرو تەلەپ قىلغان

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پولشا مۇئاۋىن ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى بلازېي پوبوزى دۆلەتلىك «TVP» تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، پولشانىڭ ئۇكرائىنا مۇساپىرلىرىغا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ پولشاغا مۇساپىرلارنىڭ خىراجەتلىرى ئۈچۈن ياردەم قىلىشنى كېچىكتۈرمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ ئۇكرائىنالىقلارنىڭ پولشانىڭ سەھىيە ۋە مائارىپ سىستېمىسىىدىن پايدىلىنىشىغا ياردەمچى بولۇش، ئۇلارنىڭ ئەمگەك بازىرى بازىرىغا كىرىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن «PESEL» دۆلەت كىملىك نومۇرى بېرىلگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ھازىرغىچە %96 ى ئايال ۋە كىچىك بالا بولۇپ، جەمئىي يېرىم مىليونغا يېقىن ئۇكرائىنالىق مۇساپىرغا «PESEL» خىزمىتى بېرىلگەنلىكىنى قەيت قىلدى.

پولشادا 2.4 مىليون ئۇكرائىنالىق مۇساپىر بار.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر