دانىيەدە ئىرانلىق پاناھلانغۇچى ئايال  ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىدى

دانىيەدە 2 بالىسى بىلەن قوشۇپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلماقچى بولغان ئىرانلىق بىر ئايالغا ساقچىلار تەرىپىدىن زورلۇق ئىشلىتىلگەنلىكى ۋە مەجبۇرىي شەكىلدە مەس قىلىش ئوكۇلى ئۇرۇلغانلىقى قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى.

1804901
دانىيەدە ئىرانلىق پاناھلانغۇچى ئايال  ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دانىيەدىكى كۆچمەنلەر گېزىتى «Vinkel360» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، لېجرې شەھىرىگە قاراشلىق خۋالسۆ يېزىسىدىكى پاناھلانغۇچىلار ئۆيى ئاۋنستروپتا تۇرۇۋاتقان ئىرانلىق بىر ئانا 2 بالىسى بىلەن بىللە چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان ۋە بۇ جەرياندا ساقچىلارنىڭ زوراۋانلىقىغا ئۇچرىغان.

دانىيەدە ئىككى بالىسى بىلەن 7 يىلدىن بۇيان ياشاۋاتقان ئىرانلىق ئايالنى دەسلەپتە 4 نەپەر پۇقراچە كېيىنگەن ساقچى بولىشىغا دۇمبالىغان، ئاندىن ئايالنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇپ، ئۇنىڭغا مەس قىلىدىغان ئوكۇل ئۇرغان.

ئايال ئوكۇلنىڭ تەسىرى بىلەن تىنىچلانغاندىن كېيىن ئىران ئايروپىلانىغا ئولتۇرغۇزۇپ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان.

دانىيەنىڭ سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارغا  يۈرگۈزگەن «خۇسۇسىي نەرسىلىرىنى مۇسادىرە قىلىش» بەلگىلىمىسىنى ئۇكرائىنالىق پاناھلانغۇچىلارغا يۈرگۈزمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىمۇ قاتتىق نارازىلىق قوزغىدى.

دۆلەت تېلېۋىزىيەسى «DR»، 2015-يىلى دانىيەگە كەلگەن  سۈرىيەلىك پاناھلانغۇچىلارنىڭ يوللاردا يۈزلىرىگە تۈكۈرۈلگەنلىكى، ئاغزاكى ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقى ۋە 2016-يىلدىن كېيىن خۇسۇسىي نەرسە كېرەكلىرىنىڭ مۇسادىرە قىلىنغانلىقى تەرەپكە دىققەتنى تارتىپ، ئۇكرائىنالىق پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن ئالاھىدە قانۇنلارنىڭ چىقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر