رۇسىيە بالتىق دۆلەتلىرىدىكى باش ئەلچىلىرىنى موسكۋاغا چاقىرتتى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، بىر قىسىم رۇس دىپلوماتلىرىنى قوغلاپ چىقارغان لاتۋىيە، ئېستونىيە ۋە لىتۋادىكى باش ئەلچىلىرىنى موسكۋاغا چاقىردى.

1803605
رۇسىيە بالتىق دۆلەتلىرىدىكى باش ئەلچىلىرىنى موسكۋاغا چاقىرتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دىپلوماتلىرىنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى قارار قىلغان ئۈچ بالتىق دېڭىزى دۆلىتىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، مەزكۇر دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرىنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا چاقىردى؛ تاس ۋە رىئا ئاگېنتلىقلىرى، رۇسىيەنىڭ باش ئەلچىلەرگە رۇسىيەنىڭ چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىش قارارىنى يەتكۈزۈشىنىڭ تەخمىن قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

لاتۋىيە، ئېستونىيە ۋەلىتۋا مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا رۇسىيەنىڭ 10 دىپلوماتىنى چېگرادىن قوغلاپ چىقارغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر