زېلېنسكىي: «تۈركىيەدە يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش پۇرسىتى بار، ھەم بۇنىڭغا ئېھتىياجلىقمىز»

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئىستانبۇلدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇزاكىرەلەر ئۈستىدە توختىلىپ: «تۈركىيەدە يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش پۇرسىتى بار، ھەم بۇنىڭغا ئېھتىياجلىقمىز»  دېدى.

1802776
زېلېنسكىي: «تۈركىيەدە يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش پۇرسىتى بار، ھەم بۇنىڭغا ئېھتىياجلىقمىز»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ۋولودىمىر زېلېنسكىي ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدا ھەمبەھىرلىگەن سىنلىق ئۇچۇرىدا، ئۇكرائىنا - رۇسىيە مۇزاكىرە ھەيئەتلىرىنىڭ تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلىدىغان مۇزاكىرەلىرى ئۈستىدە توختالدى.

زېلېنسكىي مۇزىكىرىلەردىكى مۇھىم نۇقتىلارنىڭ مەلۇملۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «ئالدىمىزدا يېڭى بىر مۇزاكىرە نۆۋىتى بار، چۈنكى بىز تىنچلىقنى ئىزدەۋاتىمىز. ماڭا دېيىلگىنىگە قارىغاندا، تۈركىيەدە يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش پۇرسىتى بار ، ھەم بۇنىڭغا ئېھتىياجلىقمىز، بۇمۇ بولىدىغان ئىش، نەتىجىسىنى كۆرۈپ باقايلى» دېدى.

زېلېنسكىي ئۇكرائىنادا تۇرمۇشنى نورمال ھالەتكە كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ، ئۇكرائىنانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى، ئۈنۈملۈك بىخەتەرلىك كاپالەتلىرىنىڭ دۆلىتى ئۈچۈن مەجبۇرىي ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋىيېننادا ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن ياردەم كونسېرتىغا سىنلىق ئۇچۇر ئەۋەتكەن ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي، قورال ياردىمىگە ئېرىشىش، رۇسىيەگە ئېغىر ئېمبارگولارنى يۈرگۈزۈش، پاناھلانغۇچىلار ئۈچۈن شارائىتلارنى ياخشىلاش ۋە پۇقرالارنى توقۇنۇشتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك كارىدورلىرىنىڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر