بايدىن: رۇسىيە خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن تەقدىردە رۇسىيەگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى جو بايدىن رۇسىيە ئۇكرائىنادا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن تەقدىردە رۇسىيەگە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتتى.

1801622
بايدىن: رۇسىيە خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن تەقدىردە رۇسىيەگە تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بايدىن، بېلگىيەنىڭ پايتەختى بىريۇسسېلدا چاقىرىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

ئۇ، بىر مۇخبىرنىڭ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىگە دائىر بىرەر ئاخباراتنىڭ بار – يوقلۇقىغا مۇناسىۋەتلىك سوئالىغا، مۇنداق جاۋاب بەردى: «شۇ تاپتا سىزگە بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمەيمەن، شۇڭا، سوئالىڭىزغىمۇ جاۋاب بېرەلمەيمەن. لېكىن، رۇسىيە ئۇكرائىنادا خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەن تەقدىردە، رۇسىيەگە خىمىيەلىك قورال ئىشلىتىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇرىمىز.»

بايدىن، بىر ژۇرنالىستنىڭ، «رۇسىيە 20 – گ گۇرۇھىدىن چىقىرىۋېتىلىشى كېرەك، دەپ قارامسىز؟» تەرىقىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭغا قارىتا مېنىڭ جاۋاب <شۇنداق دەپ قارايمىز>. بۈگۈنمۇ بۇ مەسىلە كۈنتەرتىپكە كەلدى. ئەگەر بۇ ئىشقا ئاشۇرۇلالمىسا، ھىندونېزىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بۇنىڭغا قارشى چىقسا، ئۇكرائىنانىڭمۇ يىغىنلارغا قاتنىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىشىمىز لازىم.»

رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر