ئەنگلىيە ئونلارچە رۇسىيەلىك ۋە رۇس شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

ئەنگلىيە رۇسىيەلىك سودىگەرلەر ۋە رۇس شىركىتى بولۇپ جەمئىي 65 كىشى ۋە ئورۇنغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى.

1801375
ئەنگلىيە ئونلارچە رۇسىيەلىك ۋە رۇس شىركىتىنى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزدى

تۈركىيە ئاۋاازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنگلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە تۆمۈر يوللىرى، خۇسۇسىي ياللانما ئەسكەرلەر شىركىتى — ۋاگنېر ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئىشلەپچىقىرىدىغان كرونشتادت قاتارلىق شىركەتلەرنىڭ رۇسىيەنىڭ 24- فېۋرال باشلانغان ئۇكرائىنانى ئىشغال قىلىش ھۇجۇملىرىنى قوللىغانلىقى ئۈچۈن جازا دائىرىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئۇقتۇردى.

قۇرغۇچى شېرىكلىرى ئىچىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن مىخايىل فىرىدمان، پېتىر ئاۋېن ۋە گېرمان خان قاتارلىقلارمۇ بار بولغان ئالفا بانكىسى بىلەن بازار قىممىتى 4 مىليارد 690 مىليون فوندستېرلىڭ بولغان دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئالماس ئىشلەپچىقارغۇچىسى ئالروسامۇ  جازا يۈرگۈزۈلگەن شىركەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

پايتەخت لوندوندا 4 مىليون فوندستېرلىڭلىق مۈلكى بار رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروفنىڭ ئۆگەي قىزى پولىنا كوۋالېۋا ۋە رۇسىيە تەرىپىدىن ئۇكرائىنادىكى مېلىتوپولنىڭ «شەھەر باشلىقى» قىلىپ تەيىنلەنگەن گالىنا دانىلچېنكوغا جازا بېرىلگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر