سومالىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

سومالىنىڭ بەلەدۋەينە رايونىدا تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابنىڭ بومبا ھۇجۇمىدا 15 كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.

1801059
سومالىدا بومبا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ نۇرغۇن ئادەم ئۆلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساقچى خادىمى ئابدۇللاھ ئەھمەدنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈنۈگۈن تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابنىڭ، سومالىنىڭ بەلەدۋەينە رايونىدا ئېلىپ بارغان بومبا ھۇجۇمىدا 15 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ۋە بەزى كىشىلەر يارىلانغان.

رايوندىكى پارلامېنت سايلاملىرى ھارپىسىدا يۈز بەرگەن بومبا ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلار ئارىسىدا، سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگە رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان ئامىنە مۇھەممەد ئابدى ئىسىملىك بىر ئايال پارلامېنت ئەزاسىمۇ بار ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، سومالى پىرېزىدېنتى مۇھەممەد ئابدۇللاھ فېرماجۇ بىلەن باش مىنىستىرى مۇھەممەد ھۈسەيىن روبلې، تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەششەبابنىڭ ھۇجۇمىنى ئەيىبلىگەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر