رۇسىيە پايتەخت كىيېۋنى قورشاۋغا ئالالمىدى

ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيەنىڭ بىر ئايدا پايتەخت كىيېۋنى قورشاۋغا ئالالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

1801078
رۇسىيە پايتەخت كىيېۋنى قورشاۋغا ئالالمىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيە قوماندانلىق ئىشتابى رۇسىيەنىڭ بىر ئاي ئىلگىرى ئۇكرائىناغا قارشى قوزغىغان ئۇرۇش ۋە ئۇرۇش سەپلىرىدىكى ۋەزىيەت توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا، رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ دونېتسك ۋە لۇخانسىك رايونلىرىنىڭ مەمۇرىي چېگرالىرىغا كىرەلمىگەنلىكى، كىيېۋ شەھىرىنى قورشاۋغا ئالالمىغانلىقى ۋە ئۇكرائىنانىڭ سول قىرغىقىنى كونترول قىلىش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىيالمىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، رۇسىيەنىڭ كىيېۋ، چېرنىگىۋ، سۇمى، خاركىۋ ۋە مارىيۇپولنى قولغا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە قايتىدىن ھۇجۇم باشلاش ئۇرۇنۇشلىرىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكى؛ ئەسكەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپتىكى ئەھۋالىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ئۇكرائىنا چېگرالىرىغا قايتىدىن ئەسكەر ئورۇنلاشتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر