رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىنى يىارق مۇساپىلىق قوراللار بىلەن بومباردىمان قىلدى

رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنستىرلىقى ئۇكرائىنادىكى بەش تۇرالغۇ رايونىدا ھەربىي ئىسكىلاتلارنىڭ، يىراق مۇساپىلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللار بىلەن بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1800422
رۇسىيە ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىنى يىارق مۇساپىلىق قوراللار بىلەن بومباردىمان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ئىگور كونشېنكوۋ رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى.

ئۇ بىر كۈن ئىچىدە (22-مارت) ئۇكرائىنا ھەربىي تەسىسلىرىنىڭ ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن يىراق مۇساپىلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق قوراللار بىلەن بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «لىسىچانسك ۋە كراماتورسك تۇرالغۇ جايلىرىدا ئۇكرائىنا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ يېقىلغۇ ئىسكىلاتلىرى، درۇجكوۋكا تۇرالغۇ جايلىرىدا راكېتا ۋە زەمبىرەك ئىسكىلاتلىرى، نادېجدىنكا قاتارلىق باشقا جايلاردا قورال-ياراغ ئىسكىلاتلىرى بىتچىت قىلىندى» دېدى.

ئۇ يەنە: رۇسىيە ھاۋا ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ تۆت قوماندانلىق مەركىزى، تۆت ھاۋا قالقان مۇداپىئە سىستېمىسى، ئۈچ قورال-ياراغ ئىسكىلاتى، ھەر خىل تىپتىكى 68 دانە ھەربىي ئاپتوموبىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 83 نۇقتىنىڭ بومباردىمان قىلىنغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «بۈگۈنگىچە ئۇكرائىنا ئارميەسىنىڭ 236 دانە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى، 154 راكېتا ئاتارى، 185 ھاۋا قوغدىنىش سىستېمىسى، 1547 دانە تانكا ۋە بىرونىۋىكى، 612 دانە زەمبىرەك ۋە مىنامىيوتى، 1343 دانە ھەربىي ئاپتوموبىلى يوقىتىلدى» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر