زېلېنسكىي: ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن سودىنى توختاتسا، رۇسىيە ئۇرۇشقا پۇل تاپالمايدۇ

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنى «رۇسىيەنى قوللىماسلىق» قا چاقىردى.

1799310
زېلېنسكىي: ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن سودىنى توختاتسا، رۇسىيە ئۇرۇشقا پۇل تاپالمايدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زېلېنسكىي خەلققە قىلغان خىتابىدا، ئەگەر گېرمانىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى رۇسىيە بىلەن بولغان سودىنى توختاتسا، رۇسىيەنىڭ ئۇرۇش ئۈچۈن پۇل تاپالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

زېلېنسكىي ھېچكىمنىڭ خەلقلەرنى يوق قىلىش ۋە ياۋروپانى پارچىلاش ھوقۇقى يوقلۇقىنى تەكىتلەپ، «تەبىئىي گازىڭىزنىڭ بار-يوقلۇقى ۋە قانچىلىك پۇلغا توختايدىغانلىقىغا رۇسىيەنىڭ قارار بېرىشىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان ئىدۇق. بۇ ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېمبارگولارنىڭ لازىملىقىنى ئېيتقان ئىدۇق. رۇسىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى چېگراسىدىن 20 كىلومىتىر يىراقلىقتا قويۇپ بېرىلىشكە باشلىغاندا، رۇسىيە تانكىلىرى بىۋاستە يادرو ئېلېكتر ئىستانسىمىزنى توپقا تۇتقاندا، ئاندىن ھەممەيلەن ئۇكرائىناغا قۇلاق سېلىش كېرەكلىكىنى چۈشىنىپ يەتتى» دېدى.

زېلېنسكىي يەنە مۇنداق دېدى:

«ئۇرۇش ماشىنىسى رۇسىيەنى قوللىماڭلار! تاجاۋۇزچىلارغا ھەتتا 1 ياۋرومۇ بەرمەڭلار، ئۇلارغا قارىتا بارلىق پورتلىرىڭلارنى تاقاڭلار، مال بىلەن تەمىنلىمەڭلار، رۇسىيەنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەسىنى رەت قىلىڭلار. مەن تىنچلىقنىڭ مۇمكىنلىكىگە ئىشىنىمەن، ئەمما تىنچلىقنى بەرپا قىلىش گېرمانىيە ۋە ياۋروپادا ھەممەيلەن ھەرىكەتكە ئۆتۈشى لازىم»

زېلېنسكىي ئۇكرائىناغا ھۇجۇم قىلغان بىر قىسىم رۇسىيە ئايروپىلانلىرى، تىك ئۇچارلىرى ۋە تانكىلارغا «بېرلىنغا» دەپ يېزىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئۇلار تېخىمۇ ئىلگىرىلەشنى ۋە سىلەر تەرەپكە  كېلىشنى خالايدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇرۇشتا بولدى.

زېلېنسكىي جىددىي ھالەت سىگناللىرىنىڭ ئاۋازىنى تېلېفونىدا ئاڭلىتىپ، ئۇكرائىنالىقلارنىڭ 25 كۈندىن بۇيان بۇ ئاۋاز بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ ئاۋازنىڭ پەقەتلا 20 سېكۇنت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان زېلېنسكىي: «بىز ئۇنى سائەتلەرگىچە، كۈنلەرگىچە، ھەتتا ھەپتىلەرگىچە توختىماي ئاڭلايمىز، خەلقىمىز ئۇنى دائىم ئاڭلايدۇ» دېدى.

رۇسىيە قىسىملىرى 24-فېۋرالدا ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش باشلىغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر