ب د ت ئۇكرائىنادىكى پۇقرالار ئۆلۈمى ۋە مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدا، ئۇكرائىنادا كەم دېگەندە 925 پۇقرا ھاياتىدىن ئايرىلدى، 1496 پۇقرا يارىلاندى، 3 مىليون 489 مىڭ 644 مۇساپىر قوشنا دۆلەتلەرگە چىقىپ كەتتى.

1799339
ب د ت ئۇكرائىنادىكى پۇقرالار ئۆلۈمى ۋە مۇساپىرلارنىڭ ئەھۋالىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشلىرى كومىسسارلىقى، ئۇكرائىنادىكى مۇساپىرلار كىرىزىسىغا مۇناسىۋەتلىك ھەر خىل مەنبەلەردىن ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلارنى دۇنيا جامائەتچىلىكى بىلەن ئورتاقلاشتى.

باياناتتا، 24 – فېۋرالدىن 20 – مارتقىچە بولغان جەرياندا يېرىمىدىن كۆپرەكى پولشاغا بولۇپ جەمئىي 3 مىليون 489 مىڭ 644 مۇساپىرنىڭ قوشنا دۆلەتلەرگە ئۆتۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئۇكرائىنالىقلارنىڭ قوشنا دۆلەتلەردىن ئەڭ كۆپ پولشا (2 مىليون 83 مىڭ 854)، رومىنىيە (535 مىڭ 461) ۋە مولدوۋا (365 مىڭ 197) غا قاچقانلىقىغا ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، دونېتىسك ۋە لوخانىسك رايونلىرىدىن 21 – 23 – فېۋرال ئارىلىقىدا 113 مىڭ كىشىنىڭ رۇسىيە تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر