رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ 23 - كۈنىگە دائىر مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

ئۇكرائىنانىڭ، رۇس ئەسكەرلىرى دېڭىز قىرغىقىنى تولۇق كونتروللۇقى ئاستىغا ئېلىۋالغان ئازاك دېڭىزى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

1798251
رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ 23 - كۈنىگە دائىر مەلۇماتلار ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا ئارمىيەسى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلغان ھۇجۇمىنىڭ 23- كۈنىگە مۇناسىۋەتلىك ئەڭ يېڭى ئۆزگىرىشلەر ھەققىدە ئاممىغا مەلۇمات بەردى. باياناتتا: «(رۇسلار) ئۇكرائىنانىڭ پايتەختى كىيېۋنى قورشاۋغا ئېلىش، دونېتسىك ۋە لۇخانسك رايونلىرىنىڭ مەمۇرىي چېگرالىرىغا يېتىش ھەمدە دۆلەتنىڭ سول قىرغىقىنى كونترول قىلىش مەقسىتىگە يېتەلمىدى. تاجاۋۇزچىلار دونېتسىك ھەربىي ھەرىكەت رايونىدا قىسمەن مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ ئازاك دېڭىزىغا چىقىشى ۋاقىتلىق توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

باياناتتا، مىكولايۋغا يېقىنلىشىپ قالغان رۇسىيە ئەسكەرلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشىنىڭ مۇداپىئە قىسىملىرى تەرىپىدىن توختىتىلغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى كىرىل تىموشېنكو تېلېگرامما قانىلىدا بايانات ئېلان قىلىپ، پۇقرالارنى تارقاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۈنۈگۈن 9 ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم كارىدورى ئېچىلغانلىقىنى، يېقىنقى 24 سائەت ئىچىدە 9 مىڭ 144 كىشىنىڭ مەزكۇر كارىدورلار ئارقىلىق تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇلاردىن 1124 نەپىرى بالىلار بولۇپ جەمئىي 4972 ئادەم مارىيۇپولدىن زاپورىژيا شەھىرىگە چىقىرىلدى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ يەنە، سۇمى شەھىرىدىنمۇ 4172 كىشىنىڭ تارقاقلاشتۇرۇلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلاشتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر