ئۇكرائىنا: سۆھبەتلەر قىيىن، تەرەپلەرنىڭ مەيدانى پەرقلىق

ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى مەسلىھەتچىسى مىخايىل پودولياك، سۆھبەتلەر قىيىن، تەرەپلەرنىڭ مەيدانى پەرقلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

1797716
ئۇكرائىنا: سۆھبەتلەر قىيىن، تەرەپلەرنىڭ مەيدانى پەرقلىق

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسى ئىشخانىسى مەسلىھەتچىسى مىخايىل پودولياك، رۇسىيە - ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئوق چىقىرىشنى توختىتىشقا مۇناسىۋەتلىك سۆھبەتلەرنىڭ قىيىن جەريانلار ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

پودولياك تىۋىتتېردىكى ئادرېسىدا بايانات ئېلان قىلىپ: «سۆھبەتلىشىش قىيىن، تەرەپلەرنىڭ مەيدانى ئوخشىمايدۇ، بىز ئۈچۈن نېگىزلىك مەسىلىلەرگە چېقىلىشقا بولمايدۇ» دېدى.

رۇسىيە ئارمىيەسى 24 - فېۋرال ئۇكرائىناغا بېسىپ كىرىپ، ئىشغال ھەرىكىتىنى باشلىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر