فلورىدا ئىشتاتىدا قوراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
ئامېرىكانىڭ فلورىدا ئىشتاتىدا ئاپتوبۇسقا قىلىنغان قوراللىق ھۇجۇمدا، ئىككى كىشى جېنىدىن ئايرىلدى.
1797858
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: فلورىدا بروۋورد (Broward) رايونى ساقچى ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى فورت لودېردال (Fort Lauderdale) ساقچى مەركىزىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈۋاتقاندا ئاپتوبۇسقا ئوق ئېتىلغانلىقىنى؛ بۇنىڭ نەتىجىسىدە، ئاپتوبۇسنىڭ يولدىكى ئاپتوموبىللارغا سوقۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مەسئۇللار ئاپتوبۇستىكى بىر كىشىنىڭ نەق مەيداندا، بىر كىشىنىڭ دوختۇرخانىدا قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي جېنىدىن ئايرىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى يارىدارنىڭ دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتقانلىقىنى قەيت قىلدى.
مەسئۇللار گۇماندارنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
لىۋان ھىزبۇللاھى: ئىسىرائىلىيە پۇشايمان قىلىدۇ
لىۋان ھىزبۇللاھى ئىسىرائىلىيە ھۇجۇم قىلسا «پۇشايمان» قىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.