7 – گ گۇرۇھى رۇسىيەنى ئۇكرائىنادا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە توسالغۇ بولماسلىققا چاقىردى

7 – گ گۇرۇھى رۇسىيەنى مارىپۇل ۋە باشقا قورشاۋ ئاستىدىكى ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلىنىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە توسالغۇ بولماسلىققا چاقىردى.

1797632
7 – گ گۇرۇھى رۇسىيەنى ئۇكرائىنادا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەمگە توسالغۇ بولماسلىققا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، گېرمانىيە، ئەنگلىيە، كانادا، فىرانسىيە، ئىتالىيە ۋە ياپونىيەدىن تەشكىل تاپقان 7 – گ گۇرۇھى ئەللىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى، رۇسىيەنى مارىپۇل ۋە باشقا قورشاۋ ئاستىدىكى ئۇكرائىنا شەھەرلىرىگە قىلىنىدىغان ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە توسالغۇ بولماسلىققا چاقىردى.

7 – گ گۇرۇھى ئەللىرى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئورتاق باياناتتا، مۇنداق دېيىلدى: «مارىپۇل ۋە باشقا شەھەرلەرنىڭ قورشاۋ ئاستىغا ئېلىنىشى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرگە توسالغۇ بولۇشىنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. رۇسىيەنى خەلقئارا ئىنسانىي قانۇن ۋە كىشىلىك ھوقۇق دائىرىسىدىكى ئەھدىلىرىگە رىئايە قىلىشقا چاقىرىمىز. رۇسىيە ھۆكۈمىتى، مارىپۇل ۋە باشقا قورشاۋ ئاستىدىكى شەھەرلەرگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنىڭ يەتكۈزۈلۈشى ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بېرىلىشىگە دەرھال رۇخسەت قىلىشى لازىم.»

پۇقرالارغا قارشى قورال ئىشلەتكەنلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇرۇش جىنايەتلىرى تۈپەيلى جاۋابكارلىقققا تارتىلىدىغانلىقى تەكىتلەنگەن باياناتتا، داۋاملىشىۋاتقان بارلىق خەلقئارالىق تەكشۈرۈشلەر ۋە دەلىل – ئىسپات توپلاش پائالىيەتلىرىنىڭ خۇشاللىنارلىق ئەھۋال ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا يەنە، رۇسىيە بىلەن بېلارۇسىيە يەنە بىر قېتىم ئەيىبلەندى.

رۇسىيە ئارمىيەسى، 24 – فېۋرال كۈنى ئۇكرائىناغا ھەربىي ھەرىكەت قوزغىغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر